ئەردوغان: «كوۋىد – 19» يۇقۇمى باسقۇچىنى ئەڭ ئاز قىيىنچىلىق بىلەن ئارقىدا قالدۇردۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «كوۋىد – 19» يۇقۇمى باسقۇچىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دەل ئەكسىچە ئەڭ ئاز قىيىنچىلىق بىلەن ئارقىدا قالدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1571465
ئەردوغان: «كوۋىد – 19» يۇقۇمى باسقۇچىنى ئەڭ ئاز قىيىنچىلىق بىلەن ئارقىدا قالدۇردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاممىۋى ھالدا ۋەزىپىگە تەيىنلەش مۇراسىمى» دا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ مۇستەھكەم قۇرۇلمىغا ئىگە كۈچىنىڭ كىرىزىس مەزگىلىدە تېخىمۇ روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يۇقۇم مەزگىلىدە ئاممىۋى ياردەم سىستېمىمىزنىڭ ئىقتدارىنىمۇ سىناقتىن ئۆتكۈزدۇق، بىر يىلغا يېقىنلاشقان يۇقۇم مەزگىلىدە يۈرىكىمىزنى ئېزىۋەتكۈدەك دەرىجىدە سەھىيە كىرىزىسىگە دۇچ كەلمىدۇق، 46 مىليارد لىرانى ئىجتىمائىي كاپالەت قالقىنى راسخوتى ۋە كەڭ دائىرىلىك ياردەملىرىمىز بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. دۇنيانىيڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلىرى نۆۋەتتە ۋاكسىنا تاپالمايۋاتىدۇ، بىز بولساق ۋاكسىنا مەسىلىسىدە تاشلىغان قەدەملىرىمىز سايىسىدا تېز سۈرئەتتە ۋاكسىنىلىرىمىزنى ئېلىشقا باشلىدۇق، خۇدايىم بۇيرۇسا، دەسلەپكى قەدەمدە 50 مىليون تابلىت ۋاكسىنا دۆلىتىمىزگە كېلىدۇ، دەرۋەقە، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ناھايىتى تېز باشلاتتۇق، نۆۋەتتە بۇ خىزمەت داۋاملىشىۋاتىدۇ. قىسقىسى،  بىز يۇقۇم باسقۇچىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دەل ئەكسىچە ئەڭ ئاز قىيىنچىلىق بىلەن ئارقىدا قالدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر