ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرگىيەگە زور ئۇتۇقلارنى قازاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمەتلىرى مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭ ھەر ساھەدە بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1570555
ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرگىيەگە زور ئۇتۇقلارنى قازاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك مەركىزى بىناسىدا تۇرۇپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك دەنىزلى، مەرسىن، ئۇشاق ۋىلايەتلىك قۇرۇلتايلىرىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلدى.

ئەردوغان مەزكۇر قۇرۇلتايلاردا قىلغان سۆزىدە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيەنى جۇمھۇرىيەت تارىخىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلارنىڭ يىغىندىسىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئۇتۇققا پەقەت 18 يىلدا ئىگە قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئەردوغان (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ) تۈركىيەگە دەۋر ھالقىتقۇزغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىمىزدىن چېگرا بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداشقىچە، شۇنداقلا بارلىق زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قولىمىزنى سونۇش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق. بىز ھەر بىر پۇقرانىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزنىڭ پەردە ئارقىسىدا بۇ ئىپتىخار كارتىنىسى بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھازىرغا قەدەر قىلىنغان بارلىق خىزمەتلەرنىڭ خەلق بىلەن بىرلىكتە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلارنى خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە قولغا كەلتۈردۇق. تۈركىيەنى 2023 – يىللىق (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100- يىلى) نىشانىمىزنىمۇ يەنە خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرىمىز. مەركىزى ئىنسان بولغان سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغان ئورنى 83 مىليون خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىدۇر. ئالدى بىلەن كۆڭۈللەرنى ئالىمىز، ئاندىن بىزگە بېلەت تاشلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر