تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش دانىيەدىكى ئىسلامغا قارشى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش دانىيەدىكى ئابېنرا جامىسىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1570273
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا مۇنداق دېدى:
«دانىيەدىكى ئابېنرا جامىسىگە قىلىنغان پەسكەش ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. غەرپتە كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى ئېڭىغا ئىگە ئىرقچى گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىلىشىنى ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ بالدۇرراق سوتقا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»