بۈگۈن خىتايدىن 6 مىليون 500 مىڭ ئاكتىپسىز دورا ۋاكسىنا تۈركىيە يېتىپ كەلدى

خىتايدىن زاكاز قىلىنغان ئىككىنچى تۈركۈم كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى يۈكلەنگەن ئايروپىلان ئىستانبۇل ئايرودورۇمىغا قوندى.

1570259
بۈگۈن خىتايدىن 6 مىليون 500 مىڭ ئاكتىپسىز دورا ۋاكسىنا تۈركىيە يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى يۈكلەنگەن تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە «TK 6175»  ئۇچۇش نۇمۇرلۇق « Boeing 777» تىپلىق ئايروپىلان ئەتىگەن سائەت  06.15 دە ئىستانبۇل ئايرودورۇمىغا قوندى.

كېچىدە خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭ ئايرودورۇمىدىن يولغا چىققان ئايروپىلاننىڭ ئىستانبۇلغا قونۇشى بىلەن كوۋىد-19  ۋاكسىنىسى يۈكلەنگەن كونتېينېرلار تاموژنا رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن ئايروپىلاندىن ئامبارلارغا يۆتكەلدى.

ئايروپىلاندا 10 مىليون ئاكتىپسىز دورا ۋاكسىنىسىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمىنى تەشكىل قىلغان 6 مىليون 500 مىڭ ئاكتىپسىز دورا ۋاكسىنىسى ئېلىپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر