ئەردوغان تاشقى سىياسەتنى باھالاش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇل ۋاھدەتتىن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن تاشقى سىياسەتنى باھالاش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

1569759
ئەردوغان تاشقى سىياسەتنى باھالاش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يىغىندا شەرقىي ئاقدېڭىز، لىۋىيە، تاغلىق قاراباغ ۋە سۈرىيە قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردىن يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە قەدەر، نۇرغۇن تېمىلاردىن سىرت، يېڭى تاشقى سىياسەت ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىلغانلىقى، تۈركىيەنىڭ بارلىق ساھەلەردىكىگە ئوخشاش تاشقى سىياسەتتىمۇ تەسىرىنى ئاشۇرىدىغان، ھەق - ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان شۇنداقلا نوپۇزىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشنى دىپلوماتىيە ۋە دىئالوگ يولى ئارقىلىق قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

يىغىنغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىنمۇ قاتناشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر