ئەردوغان: يۇقۇم ئىش دۇنياسىنىڭ ئالدىدا يېڭى پۇرسەت پەنجىرىلىرىنىمۇ ئاچتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ تۈرلۈك خىرىسلار، قىيىنچىلىقلار ۋە قىيىن ئۆتكەللەرنى كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىش دۇنياسىنىڭ ئالدىدا يېڭى پۇرسەت پەنجىرىلىرىنى ئاچقانلىقىنى ئېيتتى.

1569414
ئەردوغان: يۇقۇم ئىش دۇنياسىنىڭ ئالدىدا يېڭى پۇرسەت پەنجىرىلىرىنىمۇ ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە ياش كارخانىچىلار كونفېدېراتسىيەسى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزالىرىنى قوبۇل قىلغاندا، 2020 – يىلىنىڭ، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن پۈتكۈل دۇنيا بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدىمۇ قىيىن شارائىتتا ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، يۇقۇم مەزگىلىدە، كۈچلۈك سەھىيە قۇرۇلمىسىدىن سىرت يەنە، تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكسپورتنىڭ سودا ئىشلىرىدا بازار ۋە مەھسۇلات سەرخىللىقىنىڭ مۇھىملىقىنىڭمۇ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا كۆرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى، رىقابەتچى باھالىرى ۋە ئىشەنچىلىك بولۇشى تۈپەيلى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى مەزگىلىدە رەقىبلىرىگە قارىغاندا ئالاھىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئېكسپورتتا ئالدىنقى يىلنى 169.5 مىليارد دوللار بىلەن ئوتتۇرا مەزگىللىك پىروگرامما نىشانىنى 5 مىلياردتىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئېكسپورتتىكى ئۈلۈشى، ئۆتكەن يىلنىڭ يانۋار – ئۆكتەبىر ئايلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلىرى ئېتىبارى بىلەن، تۇنجى قېتىم % 1 تىن ئېشىپ، % 1.03 سەۋىيەسىگە يەتتى. ئېكسپورتچىلىرىمىزنىڭ سانى 87 مىڭ 400 ئاشتى، بۇلتۇرقى تۇنجى قېتىم ئېكسپورت ساھەسىگە قەدەم قويغان شىركەتلىرىمىزنىڭ سانى 18 مىڭ 123 كە يەتتى.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 2020 – يىلى دۆلەتتە قۇرۇلغان شىركەت سانىنىڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارىماي % 20 ئېشىپ، 101 مىڭ 318 گە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرەلەيدىغان، تېخىمۇ ياخشى مۆلچەرلەش زېمىنى ھازىرلاپ بېرەلەيدىغان، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە قاندۇرالايدىغان بىر شارائىت يارىتىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر