تۈركىيە ئىراقتا يۈز بەرگەن ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلىدى ۋە ئەنقەرەنىڭ ئىراقنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

1568387
تۈركىيە ئىراقتا يۈز بەرگەن ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، باغدادتىكى بىر بازاردا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خائىنلارچە قىلىنغان ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەنگەن باياناتتا، قېرىنداش ئىراق خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە: «بىز بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىلەر بىلەن ئەيىبلەيمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز دوستىمىز ۋە قوشنىمىز ئىراقنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۈگۈن باغدادنىڭ مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 28 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 73 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر