ئەردوغان توققۇز ۋىلايەتنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى، سېلىنما، ئىشلەپچىقىرىش، ئىقتىسادىي ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېكسپورتنى مەركەز قىلغان قاراش بىلەن ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1565923
ئەردوغان توققۇز ۋىلايەتنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK Parti) نىڭ 7-قېتىملىق مانىسا، ئايدىن، ئادىيامان، كىلىس، ماردىن، بىنگۆل، بىتلىس، ئەلازىغ ۋە مۇش ۋىلايەتلىرىنىڭ قۇرۇلتىيىغا، ئىستانبۇل ۋاھدەتتىن سارىيىدىن سىن كۆرۈنۈشلۈك شەكىلدە قاتناشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «خەلقىمىزنىڭ ھەر بىرىگە دائىم ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن پىروگراممىلارنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق» دېدى.

ئۇ ئىقتىسادتا كۈچلۈك ئىلگىرىلەش ئۈچۈن زۆرۈر ئىسلاھاتلارنى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان سىياسەتلەرنى قەتئىيلىك بىلەن ئىجرا قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «مائارىپتىن سەھىيەگىچە، قاتناشتىن ئېنېرگىيەگىچە، سانائەتتىن سودىغىچە ھەر ساھەدە، بۇ يېڭى مۇساپىگە مۇۋاپىق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى، سېلىنما، ئىشلەپچىقىرىش، ئىقتىسادىي ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېكسپورتنى مەركەز قىلغان قاراش بىلەن ھەرىكەتكە كەلتۈردۇق. تۈركىيەنىڭ رايونلۇق ۋە دۇنياۋى كۈچى يۈكسەلگەنسېرى، دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭمۇ ئېشىۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر