تۈركىيە - گىرېتسىيە ھەربىي ھەيئەتلىرى يىغىنى بۈگۈن قايتىدىن باشلىنىدۇ

تۈركىيە — گىرېتسىيە ھەربىي ھەيئەتلىرىنىڭ «ئايرىش ئۇسۇللىرى» مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېخنىكىلىق يىغىنلىرى بۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا قايتىدىن باشلىنىدۇ.

1565859
تۈركىيە - گىرېتسىيە ھەربىي ھەيئەتلىرى يىغىنى بۈگۈن قايتىدىن باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارار قىلىنغان تۈركىيە — گىرېتسىيە ھەربىي ھەيئەتلىرىنىڭ <ئايرىش ئۇسۇللىرى> مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېخنىكىلىق يىغىنلىرىنىڭ بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 15:00  تە بىريۇسسېلدا قايتىدىن باشلىنىشى پىلانلانماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر