چاۋۇشئوغلۇ مائاس بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا تەرەپتىنمۇ ئىجابىي سىگناللارنىڭ كېلىشى بىلەن (ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە) تېخىمۇ ئىجابىي مۇھىتقا يۈزلەنگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1565986
چاۋۇشئوغلۇ مائاس بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە گېرمانىيە بىلەن بولغان سۆھبەت مېخانىزمىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «ياۋروپا تەرەپتىنمۇ ئىجابىي سىگناللارنىڭ كېلىشى بىلەن (ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە) تېخىمۇ ئىجابىي مۇھىت ئىچىدىمىز» دېدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس بولسا: «تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر