ئەردوغان: دۆلىتىمىزنى پارلاق كەلگۈسىگە تەييارلاۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن مانىسادا رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن لايىھەلەر ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1565074
ئەردوغان: دۆلىتىمىزنى پارلاق كەلگۈسىگە تەييارلاۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تىۋىتتېر ھېسابىدىكى ئۇچۇرىدا، «دۆلىتىمىزنى ئۆزىنىڭ نىشانى ۋە ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز  دېمەي يۈگۈرۈۋاتىمىز. مانىسادا رەسمىي ئېچىلىش مۇرسىمىنى ئۆتكۈزگەن 4 ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە سوما بىلەن كىركاغاچقا يەتكۈزۈللىدىغان تەبىئىي گاز لايىھەسىنىڭ مەملىكىتىمىزگە شۇنداقلا مانىسالىق قېرىنداشلىرىمغا خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن» دېگەنلەرنى يازدى.

ئەردوغان «ۋەتىنىمىزنى پارلاق كەلگۈسىگە تەييارلاۋاتىمىز» سەرلەۋھىسى بىلەن ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا  يەنە، « دۆلىتىمىزنى ئۆزىنىڭ نىشانى ۋە ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز  دېمەي يۈگۈرۈۋاتىمىز، تەر تۆكۈۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ ئاقساپ قىلىشىنى، كىرىزىسقا ۋە مالىمانچىلىققا ئىتتىرىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلارغا قارشى دۆلىتىمىزنى پارلاق كەلگۈسىگە تەييارلاۋاتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ۋە  ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەتگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر