تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) ئافغانىستانغا تىببىي ياردەم قىلدى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھېرات ۋىلايىتىدە، غەربىي ئافغانىستان رايونلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بىردىن بىر ئىقتىساسالىق دوختۇرخانا «ھېرات مۇفلىخ رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسى» غا تىببىي ئەسلىھە ياردەم قىلدى.

1565152
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) ئافغانىستانغا تىببىي ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېراتنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى نۇر ئەھمەد ھەيدارى تىببىي ئەسلىھەلەرنى تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) نىڭ  ھەر قايسى ساھەلەردە ھەر تۈرلۈك لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەنلا قالماستىن، تۈركىيە ۋە ئافغانىستان خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

نۇر ئەھمەد ھەيدارى دوختۇرخانىنىڭ  110خادىم ۋە  100 ياتاققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەر كۈنى 250 ئەتراپىدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ۋە بېمار ئۆسمۈرلەرگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرى يېتىشمەسلىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك مۇلازىمەت قىلىنىشىغا توسالغۇ بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن نۇر ئەھمەد ھەيدارى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) نىڭ ياردىمى بىلەن دوختۇرخانىدىكى بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر