تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملىگەن 10 دۆلەتنىڭ بىرسى بولدى
تۈركىيە بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىكى بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملىگەن 10 دۆلەت ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمەتلىرى 14 - يانۋار باشلانغان بولۇپ، تېز سۈرئەت بىلەن داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا فىرانسىيە، دانىيە ۋە ئارگېنتىناغا ئوخشاش دۆلەتلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملىگەن 10 دۆلەت ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.
ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرى ئەڭ زىچ بولغان جايلارنىڭ بىرسى ئەنقەرە شەھەرسىمان دوختۇرخانىسى بولدى.
ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرى ھەپتە ئاخىرىدىمۇ 81 ۋىلايەتتە داۋاملاشماقتا. بۇ ئارقىلىق دەسلەپكى 4 كۈن ئىچىدە 1 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ ۋاكسىنا ئەملىنىشى كۈتۈلمەكتە.
سەھىيە خادىملىرىنىڭ ۋاكسىنا ئەملىنىشى كېلەر ھەپتە ئاخىرلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.