بارتىندا چۆكۈپ كەتكەن رۇسىيە يۈك پاراخوتىنىڭ 2 نەپەر خادىمى قازا قىلدى

بارتىننىڭ  ئىنقۇمۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن رۇسىيە بايراقلىق قۇرۇق يۈك پاراخوتىنىڭ 2 نەپەر خادىمى قازا قىلدى ۋە 6 نەپەر خادىم قۇتقۇزىۋېلىندى.

1565295
بارتىندا چۆكۈپ كەتكەن رۇسىيە يۈك پاراخوتىنىڭ 2 نەپەر خادىمى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بارتىن دېڭىز ساھىلىدىن تەخمىنەن 200 مېتىر يىراقلىقتا چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتنىڭ 2 نەپەر خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 6 نەپەر خدىمى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

بارتىن ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پاراخوتتىكى باشقا خادىملارنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا تەۋە بىر قوغدىغۇچى پاراخوتنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر