ئەردوغان: يەرلىك مەنبەلەرگە تايىنىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسى شەكىللەندۈرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يەرلىك مەنبەلەرگە تايىنىدىغان بىر ئېنېرگىيە ساھەسى شەكىللەندۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1564907
ئەردوغان: يەرلىك مەنبەلەرگە تايىنىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسى شەكىللەندۈرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدىكى «ۋاھدەتتىن سارىيى» دىن نەق مەيدان ئۇلىنىشى ئارقىلىق مانىسا ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار لايىھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، 2002 – يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك 18 يىلىنى ياشاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن بۇرۇن پەقەت 5 چوڭ شەھىرىمىزدىلا تەبىئىي گاز بار ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا 81 شەھىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش نىشانىغا يەتتۇق.»

تۈركىيە مىقياسىدا تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ 27 مىليارد لىراغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «2021 – يىلىمۇ تەبىئىي گاز ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»

ھازىرغىچە كۆپلىگەن مۇسىبەلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، نۇرغۇن توسالغۇلارنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقلىرىنى، تۈرلۈك – تۈرلۈك ھۇجۇملارغا دۇچ كەلگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ زاۋال تېپىشىنى، كىرىزىس ۋە قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا ئىتتىرىلىشىنى خىيال قىلىدىغانلارغا قىلچە پىسەنت قىلماستىن، دۆلىتىمىزنى ئىستىقبالى پارلىق بىر كېلەچەككە تەييارلاۋاتىمىز.»

تۈركىيەنىڭ 2002 – يىلى ئاران 18 مېگاۋات بولغان گېئوتېرمال كۈچىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە 1613 مېگاۋاتقا يەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «بۇ رەقەم بىلەن گېئوتېرمال ساھەسىدە تۈركىيەنىڭ دەرىجىسى ياۋروپا بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە تۆتىنچى ئورۇنغا يۈكسەلدى. <مۇستەقىل ئېنېرگىيەگە ئىگە قۇدرەتلىك بىر تۈركىيە> شوئارى ئاستىدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يەرلىك مەنبەلەرگە تايىنىدىغان بىر ئېنېرگىيە ساھەسى شەكىللەندۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن زادى كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېكترون قۇرۇلمىلىق كۈچىمىزنى 18 يىلدا 3 ھەسسە زورايتىپ، 96 مىڭ مېگاۋاتقا يەتكۈزدۇق. پەقەت ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىلا ئەمەس، سىجىل ئېنېرگىيە تېخنولوگىيەلىرىدىمۇ مەركىزىىي كۈچ بولۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر