تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەر سانى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى

تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى ئەملەنگەنلەر سانى 645 مىڭ كىشىدىن ئاشتى.

1564844
تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەر سانى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن «كوروناۋاك ۋاكسىنىسى» نى سەھىيە خادىملىرىغا ئەملەش پائالىيەتلىرى ئۈچىنچى كۈنىمۇ تېزلىك بىلەن داۋاملاشماقتا.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيەدە تەخمىنەن بىر مىليون 100 مىڭ سەھىيە خادىمى بار بولۇپ، مىنىستىرلىقنىڭ «https://covid19asi.saglik.gov.tr» ئىنتېرنېت ئادرېسىدىن، ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەر سانىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار يېڭىلىنىپ تۇرىدىكەن. ۋاكسىنا ئەملەش، ئالدى بىلەن، مۇھىم ئورۇندا ئىشلەۋاتقان خادىملاردىن باشلىنىدىكەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، دەسلەپكى قەدەمدە كامېرالارنىڭ ئالدىدا ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەنىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن 3 مىليون «كوروناۋاك ۋاكسىنىسى» تابلىتى، دەسلەپكى قەدەمدە ئىككى تابلىت ھالىتىدە 28 كۈن ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ، ئەملىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر