ئەردوغان ۋە شەنتوپ مەرھۇم دەنكتاشنى خاتىرىلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسى رائۇف دەنكتاش ۋاپاتىنىڭ توققۇز يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
1563253
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىجتىمائىي ئۇچۇرلىشىش سۇپىسى — تېلېگرامدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى، شۇنداقلا تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى، بىز ئۇزۇن يىللار بويىچە قىبرىس تۈركلىرى كۈرىشىنى مۈرىنى مۈرىگە تىرىگەن ھالدا ئېلىپ بارغان رائۇف دەنكتاشنى ئۇنتۇمايمىز. ۋاپاتىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدا 2004 – يىلى تارتىلغان بىر پارچە فوتو – سۈرىتى بىلەن بىرلىكتە رائۇف ئەپەندىنى سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىمەن...» دېدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى رەئىسى مۇستاپا شەنتوپمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەھبەھرىلەپ: «قىبرىس دەۋاسىنىڭ ئۇلۇغ مۇجاھىدى، قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسى مەرھۇم رائۇف دەنكتاشنى ۋاپات خاتىرە كۈنىدە سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىمەن. ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.