چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1563315
چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈنۈگۈن پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا، پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى تەرىپىدىن مىنىستىرلارنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن كەچلىك تاماق زىياپىتىدىن كېيىن، ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچرىشىشتا، تاغلىق قاراباغنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تىنچلىق ئورنىتىشتا ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاشنى ئىزچىل دۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر