ئىككى تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك دىن قاچقان ئىككى تېررورچى قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1562598
ئىككى تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلىقنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى بىلەن ژاندارما باش قوماندانلىقى ئېلىپ بارغان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ بىرىنىڭ تەشكىلاتقا 2010 – يىلى، يەنە بىرىنىڭ 2014 – يىلى قاتناشقانلىقى، ئاخىرقى قېتىم ئىراقتىكى پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يېڭىدىن تەسلىم بولغان پ ك ك / ك ج ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنى قوشقاندا 2021 – يىلى ئىچىدە قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا تەسلىم بولغان تېررورچىلار ئومۇمىي سانى ئۈچكە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر