تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرى ئەتە باشلىنىدۇ
تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (kovid-19) غا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرى ئەتە (2021-يىلى 14-يانۋار) باشلىنىدۇ.
1563138
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا جىددىي ئىشلىتىش تەستىقى بېرىلگەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ كوروناۋاك (CoronaVac) ۋاكسىناسى بىلەن ئەملەندى.
ئۇ: «ۋابانى توختاتقىچە ۋاكسىنا ئەملەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرگە ۋە مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلەرگە قەتئىي رىئايە قىلىمىز. ھەممە كىشىنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمەن. بۇرۇنقى ھاياتىمىزغا قايتىشىمىز ئۈچۈن جەزمەن ۋاكسىنا ئەملىتىشىمىز لازىم» دېدى.