تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قوشۇمچە ئولتۇراق رايونى پىلانىنى تەستىقلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە، «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا 850 يۈرۈش قوشۇمچە قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىش پىلانىنى تەستىقلايدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلاردىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

1562418
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قوشۇمچە ئولتۇراق رايونى پىلانىنى تەستىقلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش پائالىيەتلىرىنى تېزلىتىشى توغرىسىدىكى يازما باياناتىدا: «بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 850 يۈرۈش ئۆيلۈك قوشۇمچە قانۇنسىز ئولتۇراق رايونى قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلاردىن ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، بۇ قەدەمنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئېلىشىدىن بۇرۇن سۈرئىتىنى ئاشۇرغان قانۇنسىز قىلمىشلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ: «ئىسرائىلىيەنىڭ مەزكۇر ئولتۇراق رايونى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق جۇغراپىيەلىك پۈتۈنلۈك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئېنىق. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارارلىرى باشتا بولۇپ خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە تېگىشلىك بېسىمنى ئىشلىتىشكە ۋە بۇ تاجاۋۇزچى ھەرىكەتلەرگە قارشى چىقىشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ كېلەر ھەپتە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئۈچۈن يەنە 850 ئۆي سېلىش قارارىنى تەستىقلايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر