ئەردوغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ھېچقانداق شەكىلدە كۈچكە ئىگە بولمىغان كۆپتۈرۈلگەن خەرىتىلەر ئارقىلىق دۆلىتىمىزنى ساھىللارغا سولاپ قويۇش ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرىمىز» دېدى.

1562169
ئەردوغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىتتىپاق مۇزاكىرەسىنى باھانە قىلىپ، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى كۈنتەرتىپىنىڭ سۈيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ پوزىتسىيە، بىر تەرەپتىن، يىلتىزى چوڭقۇر مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئەسىر ئېلىۋالسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رايونلۇق ۋە دۇنياۋى كۈچ بولۇش مەقسىتىنى ئاجىزلىتىدۇ. شەرقىي ئاقدېڭىزنى رىقابەت مەيدانى بولۇشتىن چىقىرىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتلىرىمىزگە خىزمەت قىلىدىغان ھەمكارلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ ئەنقەرەدىكى چانقايا سارىيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ: «گىرېتسىيەنى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىبرىس تۈرك تەرەپ بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمىغانلىقى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بۇنداق بولغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قىبرىس مەسىلىسىنى ئاسانلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشتا ھېچقانداق رول ئوينىيالماسلىقى مۇمكىن. ھەممە كىشى تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بولمىغان ھەر قانداق ئۈستەلدىن، ئاقدېڭىز تىنچلىقىنىڭ چىقمايدىغانلىقىنى چۈشەندى. قىبرىستا مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغان مودېللارنى قايتا-قايتا سۆزلىشىشنىڭ ئورنىغا، يېڭى ۋە ئەمەلىيەتچىل ئۇسۇللارنى مۇزاكىرە قىلىشىمىز كېرەك.»

ئۇ ياۋروپادىكى ئىسلام قورقۇنچى مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئۇ: «ئىسلام ئۆچمەنلىكى، ياۋروپا ياشايدىغان 6 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغاندىن باشقا، ياۋروپا مەنىۋى قىممەتلىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ چوڭ كەمچىلىككە ئايلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇزۇن يىراققا قاراش جەھەتتىن ئىجابىي كۈنتەرتىپ وەيدا قىلىش ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قايتىدىن يولىغا سېلىش ئۈچۈن تەييارمىز. دۆلىتىمىزنىڭ 60 يىلغا توشقان ئەزالىق مۇساپىسى، بىز ئۈچۈن قانداق ئىستراتېگىيەلىك تاللاش بولغان بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلىتىمىزنى تولۇق ئەزالىققا قوبۇل قىلىشىمۇ، ئىتتىپاقنىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن ئونتولوگىيەلىك تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقتىن چېكىنىشى بىلەن ئېشىپ بارغان ئېنىقسىزلىق، پەقەت تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئائىلىسىدە لايىق بولغان ئورنىغا ئىگە بولۇشى بىلەن يوقىلىشى مۇمكىن.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە، ھېچقانداق ناتو دۆلىتىنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ناتو دۆلەتلىرى بىزنى تاشلاپ قويىدۇ؟» دەپ سوئال تاشلىدى.

ئۇ ئاخىرىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  توغرىسىدا توختىلىپ: «ئىنسان ئۈستىدە سىناق قىلىش باسقۇچىدىكى يەرلىك ۋاكسىنالىرىمىزنى كېرەكلىك تەستىقلاردىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، خەلقىمىز ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە سۇنىمىز» دېدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر