ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياسالغان ۋاكسىنا ھايۋانات تەجرىبىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان DNA  ۋاكسىناسى ھايۋاناتلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

1562182
ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياسالغان ۋاكسىنا ھايۋانات تەجرىبىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى مۇداپىئەلىنىش مەقسىتىدە تۈركىيە ئىلمىي ۋە تېخنولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان DNA  ۋاكسىناسىنىڭ  ھايۋاناتلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كىلىنىكىلىق تەجرىبىلەرنىڭ باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاكسىنا ۋە تەتقىق قىلىپ ياساش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مېدىتسىنا فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور مەرت دۆشقايا، تەتقىق قىلىنىۋاتقان DNA  ۋاكسىناسىنىڭ يۇقىرى بىيوتېخنىكىلىك ۋاكسىنا ئىكەنلىكىنى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى 4 خىل ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « DNAۋاكسىناسىنى ھايۋاناتلار ئۈستىدە تەجرىبە قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق. بىز تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان 2 خىل ۋاكسىنا تەجرىبە ھايۋانلىرىدا كۈچلۈك ھۈجەيرە ۋە مەخپىي ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئەمدى بىز كلىنىكىلىق باسقۇچقا ئۆتىمىز، تەييارلىقلىرىمىزنى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.»

ئۇ يەنە، ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ۋاكسىنانىڭ كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىدا پىدائىيلاردا سىناق قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر