تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا 8 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 8 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1561834
تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا 8 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ۋە  دۆلەتلىك ئىستخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىراقنىڭ گارا رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ۋە  دۆلەتلىك ئىستخبارات تەشكىلاتىنىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسىدە گارادا 8 پ ك ك ئەزاسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر