تۈركىيەدە بۈگۈن 174يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن174كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1561577
تۈركىيەدە بۈگۈن 174يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 174كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى22مىڭ 981گە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 180مىڭ .303كىشىنىڭ 1 مىڭ ئۈچ نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 10مىڭ 220گە يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 10مىڭ301كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى2 مىليون 208مىڭ451گە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر