2021 - يىلىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىچكى كابىنېت يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېتى 2021 – يىلىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى بۈگۈن چاقىرىدۇ.

1561029
2021 - يىلىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىچكى كابىنېت يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەش تېمىسى ئاستىدا ھازىرغىچە يولغا قويۇلغان چارە – تەدبىرلەرگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار ئانالىز قىلىنىدۇ. يېڭى چارە – تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇپ ياكى قويۇلمايدىغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئىقتىسادتىكى ئۆزگىرىشلەر، تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەرمۇ ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

تاشقى سىياسەتتە بولسا، غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلىشى پىلانلىنىۋاتقان تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە قاراپ چىقىلىدۇ.

يىغىندا يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدىغان يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتى بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر