مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ جوسېپ بوررېلنىڭ بىريۇسسېل زىيارىتى تەكلىپىگە جاۋاپ قايتۇردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلغا سەمىمىي ۋە نەتىجىنى ئاساس قىلغان بىر دىيالوگ ئۈچۈن بىريۇسسېلنى زىيارەت قىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1560694
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ جوسېپ بوررېلنىڭ بىريۇسسېل زىيارىتى تەكلىپىگە جاۋاپ قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوررېلنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ئوتتۇرىسىدىكى سىنلىق كونفېرانس ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇمۇ تىۋىتتېردىن جاۋاب قايتۇردى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ جاۋابىدا، «سەمىمىي ۋە نەتىجىنى ئاساس قىلغان دىيالوگ ئۈچۈن بىريۇسسېلدە زىيارەتتە بولۇشنى سەۋرسىزلىق بىلەن كۈتمەكتىمەن» دېدى.

بوررېل ھەمبەھىرلىگەن باياناتىدا، «بىز تۈركىيە بىلەن دىيالوگ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييارمىز» دېگەن ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ دىكابىردا ئۆتكۈزگەن باشلىقلار يىغىنىدا تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىشىنى كۆزىتىش ئۈچۈن مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنى بىريۇسسېلدا قارشى ئېلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ 21-يانۋار بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر