ئەردوغان ھەرىرىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋاندا ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مەسئۇل قىلىنغان سەئد ھەرىرىنى قوبۇل قىلدى.

1560245
ئەردوغان ھەرىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ھەرىرى بىلەن ئىستانبۇلدىكى «ۋاھدەتتىن سارىيى» دا كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا، سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە تۈركىيە – لىۋان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار مۇزاكىرە قىلىنغان، رايونلۇق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىش ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تارىخى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر ساھەدە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىۋاننىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنىڭ لىۋانلىقلاردىن سىرت يەنە، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە ھۇزۇرى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت لىۋان خەلقىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بۇ دۆلەتكە ياردەم بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ھەرىرىمۇ، تۈركىيەنىڭ لىۋاننى قوللىشى ۋە سېلىنمىلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر