تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 181 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن قازاقىلغانلارنىڭ سانى  181 كىشىىگە يەتتى.

1560501
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 181 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 22 مىڭ 631 گە يەتتى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 168 مىڭ 289 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 103 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 9 مىڭ 537 گە يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 7 مىڭ 902 كىشىنى قوشقاندا، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 190 مىڭ 47 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر