چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە يېڭى سەھىپە ئېچىشقا تىرىشماقتا

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە يېڭى سەھىپە ئېچىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1560377
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە يېڭى سەھىپە ئېچىشقا تىرىشماقتا
Arancha Gonzalez Laya_Mevlüt Çavuşoğlu ile ortak basın.jpg
Mevlüt Çavuşoğlu_Madrid.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، تۈنۈگۈن ئىسپانىيە زىيارىتى دائىرىسىدە ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئارانچا گونزالېز لايا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىسپانىيە بىلەن بولغان مەۋجۇت مىخانىزىملاردىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارا 7 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنى بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا تۈركىيەدە چاقىرىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر ساھەدە يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەپ ۋە  تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مەسىلىسىدە ئەنقەرەنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئىسپانىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «2020 – يىلى، بىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە، ئىتتىپاققا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن سۈركىلىشنى باشتىن كەچۈردۇق. ئەمما بۇنداق قىيىن شارائىتتىمۇ ئىسپانىيەگە ئوخشىغان ئەقىلگە تايىنىپ ئىش كۆرىدىغان ۋە ئەقىلگە تايىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى سايىسىدا، سۈركىلىشنىڭ ئورنىغا دىيالوگ يولى تاللانماقتا. دەرۋەقە، ئۇچرىشىشىمىز بۇنىڭغا زېمىن ھازىرلاپ بەردى. نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە يېڭى سەھىپىلەرنى ئېچىۋاتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقلىرىنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، ئۆزىنىڭمۇ 21 – يانۋار كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لايا مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىزگە نىسبەتەن ئادەتتىكى بىر قوشنا دۆلەت ئەمەس، ئەكسىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە، چەت ئەل بازارلىرىدا ئەركىن – ئازادە ھەرىكەت قىلالايدىغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تولۇق ئەزالىق نامزاتلىقى داۋاملىشىۋاتقان، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىگە ئىگە مۇھىم بىر دۆلەتتۇر.»

بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئىجابىي كۈنتەرتىپكە مەركەزلىشىشنىڭ مۇھىملىقى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغان لايا، ئىجابىي كۈنتەرتىپنى، مەۋجۇت يۆنىلىشلەر دائىرىسىدە دىيالوگ ئاساسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، ئىغۋاگەرچىلىك ۋە جىددىيلىكنى تۈگىتىش، كونكرېت قارارلارنى چىقىرىش ئارقىلىق بۇ قەدەملەرنى مۇۋەپپەقىيەت مۇساپىسىگە ئايلاندۇرۇش، تەرىقىسىدە چۈشەندۈردى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ ھەم لىۋىيە، سۈرىيە ۋە تاغلىق قاراباغ قاتارلىق رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا، ھەمدە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىدە مۇھىم ئاكتىيور ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر