ئەردوغان «تۈركسات— 5ئا» توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «تۈركسات— 5ئا ئىنشائاللاھ بىزگە تۇنجى سالامىنى ئالەم بوشلۇقىدىن بېرىدۇ. خەيرىلىك بولسۇن» دېدى.
1559621
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۋىتتېر ئادرېسىدا بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 4:28 دىن باشلاپ مەشغۇلاتىنى باشلايدىغان بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان تۈركىيەنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد ئۇچۇر – ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى — «تۈركسات— 5ئا» توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.