ئەردوغان: دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ھەيران قالدۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دېموكراتىيەنىڭ بۆشۈكى دېيىلىۋاتقان ئامېرىكادىكى دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇپ كېرىش ۋەقەسىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

1560020
ئەردوغان: دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ھەيران قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.

ئەردوغان سۆزىدە 6- يانۋار ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا چاقىرىلغان جو بايدىننىڭ پىرېزىدېنتلىقى ماقۇللىنىدىغان يىغىن ئەسناسىدا ترامپ تەرەپدارى نامايىشچىلارنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ۋەقەلەر ھەققىدە توختىلىپ: گەپ قىلىڭ دېسە «دېموكراتىيە بۆشۈكى» دېيلىۋاتقان ئامېرىكادىكى بۇ جەريان پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇردى» دېدى.

2013- يىلى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن گەزى (ساياھەت باغچىسى) ۋەقەلىرىدە ۋە 2016-يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى يۈز بەرگەن ھەربىي – سىياسىي قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەلىرىگە قارىتا سۈكۈت قىلىشنى تاللىغان ۋە بۇ ھەقتە ناھايىتى پەرقلىق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەردوغان: «شۇ چاغدىمۇ (ئامېرىكادا) ھاكىمىيەت بېشىدا دېموكراتچىلار پارتىيەسى بار ئىدى. بىز دېموكراتچىلار قانداق بولسا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. بىز بۇنىڭ دېموكراتىيە ئۈچۈن نومۇس دەپ بىلىمىز. 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى جو بايدىننىڭ (پرېزىدېنتلىقنى) ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىنىڭ تىنچ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلدە ئامېرىكانىڭ بايدىن بىلەن سۈكۈناتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «كوۋىد – 19 دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. مەن بۇ مەزگىلدە بۇ جەرياننى سەزگۈرلۈك بىلەن داۋاملاشتۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن. ئامېرىكا خەلقئارا مۇناسىۋەتتىمۇ باشقىچە بىر دەۋرگە كىرىشى كېرەك. مەن ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر- تاقەت تىلەيمەن، يارىلانغانلارغا تەسەللىي بىلدۈرىمەن» دېدى.

6 – يانۋار ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا جو بايدىننىڭ پىرېزىدېنتلىقى ماقۇللىنىدىغان يىغىن جەريانىدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تەرەپدارى نامايىشچىلارنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە بىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي بەش كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ۋاشىنگتون ساقچىلىرى، مەزكۇر ۋەقەلەر جەريانىدا نەچچە ئون ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر