تۈركىيەدە بۈگۈن 186يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن186كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1560183
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 186كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى22 مىڭ 550كە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 184مىڭ .193 كىشىنىڭ 1 مىڭ 291نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 11مىڭ 479غا يەتتى.
داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 8 مىڭ894كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى2 مىليون 182مىڭ 145كە يەتتى.