دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تاۋروپا دىرېكتورى ھانس كلۇگ (Hans Kluge) تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى.

1559652
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا دىرېكتورى ھانس كلۇگنىڭ ۋىدېئو يىغىنىدا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كۆرۈشۈشتە، ياۋروپادىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى، تۈرىنىڭ ئۆزگىرىشى، تۈركىيەدىكى ئەھۋالى ۋە ۋاكسىنا ياساش خىزمەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا دىرېكتورى ھانس كلۇگ تۈركىيەنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشتا تەشكىلاتنىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ: «بارلىق دۆلەتلەر تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پائالىيەتلىرىنى ۋە رەھبەرلىكىنى ماختايدۇ. كۈچلۈك سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇر يىغىش سىستېماڭلار سەۋەبىدىن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن. يەنە تۈركىيەدە قىلىنىۋاتقان ۋاكسىنا تەتقىقاتلىرى، تېز دىياگنوز قويۇش ئۈسكۈنلىرى تەتقىقاتى ۋە ۋىرۇسنىڭ گېن تىزىلىشىنى تەتقىق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىڭىلار ئۈچۈنمۇ تەبرىكلەيمەن» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر