«ياۋروپا گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىشىگە سۈكۈت قىلدى»

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ گىرېتسىيەنىڭ مەسۇم ئىنسانلار (تەرتىپسىز كۆچمەنلەر) نى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەنلىكىنى، ياۋروپانىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1559301
«ياۋروپا گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىشىگە سۈكۈت قىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە دۇچار قىلىپ، تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە ئىتتىرگەن، كېيىنچە كۆچمەنلەر تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن ۋە ئۇلارنىڭ بايانلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيە مەسۇم ئىنسانلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرمەكتە، ياۋروپا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماقتا. تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزماقتا. ھەر كۈنى داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان پوزىتسىيەگە سۈكۈت قىلىۋاتقان @Frontex  نى ۋە @Europarl_EN  نى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر