تۈركىيەدە بۈگۈن 194يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن194كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1559462
تۈركىيەدە بۈگۈن 194يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 194كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى22 مىڭ 264كە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 183مىڭ .ئۈچ كىشىنىڭ 1 مىڭ 370نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 12مىڭ 171گە يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 8 مىڭ 211كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 172مىڭ 251گە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر