تۈركىيەدە بۈگۈن 191يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن191كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1558771
تۈركىيەدە بۈگۈن 191يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 191كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى22 مىڭ 70كە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 182مىڭ 645كىشىنىڭ 1 مىڭ 458نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 13مىڭ 830غا يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 8 مىڭ 702كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 164مىڭ 40قا يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر