تۈركىيە ئارمىيەسى ئافغانىستاندا يېتىم – يېسىرلارغا ياردەم قىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسى تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى ئالائاتتىن يېتىمخانىسىدىكى 247 بالىغا كىيىم – كېچەك ياردەم قىلدى.
1558121
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئافغانىستاندىكى تۈركىيە ۋەزىپە ئۆتەش قوماندانلىق ئىشتابىمىز، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ۋاسىتىسى كابۇلدىكى ئالائاتتىن يېتىمخانىسىدىكى 247 بالىغا مايكا، ئاياغ، پايپاق ۋە باش كىيىمدىن تەشكىل تاپقان ھەدىيەلەرنى تارقىتىپ بەردى.»