ئەردوغان: باڭلادېش بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ داككادىكى باش ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئەنقەرەنىڭ باڭلادېش بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1550600
ئەردوغان: باڭلادېش بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈركىيەنىڭ داككا ئەلچىخانىسىنىڭ يېڭى بىناسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگرامما يوللىدى.

ئەلچىخانا بىناسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ داككاغا بارغانلىقى، ئۆزىنىڭ سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگراممىسى ئارقىلىق مۇراسىمغا قاتناشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، بۇ گۈزەل بىنانىڭ ئەنقەرەنىڭ باڭلادېش بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ ناماياندىسى ئىكەنلكىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان باڭلادېش بلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپىنى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز باڭلادېشنىڭ (بىرمادىكى) قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ كەلگەن روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا ئىگە چىققان ئىنساني ۋە ۋىجدانىي پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بېرىمىز. باڭلادېش ۋە بىرمادىكى لاگېرلاردا ياشاۋاتقان روھىنگالارنىڭ ئازابلىرىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە باڭلادېشقا ھەمدە بولۇشقا ۋە مەسىلىنىڭ ئادىل ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بارلىق مۇنبەرلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر