تۈركىيە 4 دۆلەتكە ئايروپىلان ئۇچۇشلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتتى

ئەنگىلىيە، دانىيە، گوللاندىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن تۈركىيەگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار ۋاقىتلىق توختىتىلدى.

1548940
تۈركىيە 4 دۆلەتكە ئايروپىلان ئۇچۇشلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئىجتىمائىي تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «(كوۋىد-19 نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئەنگلىيەدە تارقىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئۆزلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغانننىڭ يوليورۇقى، قاتناش ۋە ئۇل – ئەسلىھە مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئەنگىلىيە، دانىيە، گوللاندىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن دۆلىتىمىزگە ئايروپىلان ئۇچۇشلىرىنى تەدبىر ئۈچۈن ۋاقتىنچە توختىتىش قارارى ئېلىندى» دېدى.

فاھرەتتىن كوجا: «تەدبىرلەر دائىرىسىدە، ھازىر يولدا كېلىۋاتقان ئايروپىلانلاردىكى بارلىق يولۇچىلار تەكشۈرىلىدۇ ۋە كارانتىن قىلىش قائىدىلىرى يولغا قويىلىدۇ» دېدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەنگلىيەدە بايقالغان ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن ھالىتىنىڭ گوللاندىيە، دانىيە ۋە ئاۋىستىرالىيەدىمۇ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر