ئەردوغان مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يېڭى سەھىپە ئېچىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1548168
ئەردوغان مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يېڭى سەھىپە ئېچىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ بۇ يولدىكى تۆھپە ۋە تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە يېڭى دەۋردىكى تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.

يېقىندا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىكى سوغۇققان رەھبەرلەرنىڭ ئىجابىي كۈنتەرتىپنى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلىرىنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇنسىۋەتلىرىنى كىرىزىس پاتقىقىغا ئىتتىرىش ئۈچۈن ئۇرۇنغانلارنىڭ ئىجابىي كۈنتەرتىپ ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئېچىلغان پۇرسەت پەنجىرىسىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ گرېتسىيە بىلەن ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنى قايتا باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، گىرېتسىيە تەرەپنىڭ يېڭى باھانىلەرنى تېپىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدىمۇ ياخشى نىيىتى ۋە ئىجابىي پوزىتسىيەسىنى داۋاملىق نامايان قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيە - ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدا بىر قىسىم ئەزالارنىڭ تار مەنپەئەتلىرىگە ئەسىر بولۇپ قېلىشى سەۋەبىدىن ۋاقىت ئىسراپىغا دۇچار بولغانلىقىغىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر