چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئاقار زېلېنىسكى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
1548024
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى تەرىپىدىن قوبۇل قىلغانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىغا جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزدۇق. ئۇكرائىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز مۇكەممەل سەۋىيەدە. 9 – نۆۋەتلىك ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنى ئالدىمىزدىكى يىل دۆلىتىمىزدە چاقىرىمىز.»