ئەردوغان جالالىدىن رۇمى ۋاپاتىنىڭ 747 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «بىز ھەزرىتى مەۋلانەدىن ئالغان ئىلھامغا تايىنىپ، تىلى، ئىرقى ۋە دىنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بارلىق كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنماقتىمىز» دېدى.

1547368
ئەردوغان جالالىدىن رۇمى ۋاپاتىنىڭ 747 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈرك- ئىسلام مۇتەپەككۇرى ۋە سوپى مەۋلانە جالالىدىن رۇمى ۋاپاتىنىڭ 747 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېگراممىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئالدى، «ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 747 يىللىقىدا ئانادولۇنىڭ مەنىۋى بىناكارلىرىدىن ئۇلۇغ مۇتەسەۋۋۇپ، مۇتەپەككۇر ۋە ئىسلام ئالىمى مەۋلانە جالالىددىن رۇمىنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن.

رەببىمنىڭ بىزنى، خەلقىمىزنى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ھەزرىتى مەۋلانەنىڭ گۇۋاھلىقىغا نېسىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

گەرچە ئۇنىڭ ۋاپات بولغىنىغا يەتتە يېرىم ئەسىر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھەزرىتى مەۋلانەنى «ھەمىشە يېڭى پېتى» تۇتۇپ تۇرغان سىر ئىشىق ۋە سۆيگۈدۇر.

ھەزرىتى مەۋلانە «ئاللاھقا يېتىشنىڭ نۇرغۇن يوللىرىنى قويۇپ ئۇ مۇھەببەتنى تاللىدى»، ئۇ بۇ سۆزىنى سۆيگۈ بىلەن سۆزلىدى ۋە بۇ يەرلەرنى مۇھەببەت سوغۇردى.

مەۋلانەنىڭ قەلب سۈزگۈچلىرىدىن ئۆتكەن نەسىھەتلىرى، پىتنە – پاسات، بۇزۇقچىلىق ۋە ھەسەتخورلۇقنى يوقىتىپ، دەۋر ۋە چېگرالاردىن ھالقىغان قېرىنداشلىق مۇھىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ۋاسىتە بولدى.

دەرۋەقە، يېزىلىپ يەتتە يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، نۇرغۇن تىل، دىن ۋە مەدەنىيەتكە تەۋە مىليونلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسەت دەرياسىدىن بەھرىمەن بولماقتا، خاتىرجەملىك ۋە سۇكۇناتنى مەسنەۋى شەرىفنىڭ تەڭداشسىز چوڭقۇرلۇقلىرىدىن ئىزدىمەكتە.

بىز بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە بىلەن، ئەسىرلەردىن ھالقىپ كەلگەن مۇشۇنداق مول مەنىۋى خەزىنىگە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتىمىز.

يەنە بىر جەھەتتىن، دۇنيادىكى نامراتلىق، بەختسىزلىك، نادانلىق ۋە زىددىيەتلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ رۇمىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇھەببەت ئۇچۇرىغا قانچىلىك موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

ئىنسانلارنى، دۇنيانى قۇتۇپلىشىشقا ئىتتىرىۋاتقان كور ئىدېئولوگىيەلەر، ھەممىمىزنى خەتەرلىك نۇقتىغا سۆرەپ كىرمەكتە.

غەرب جەمئىيەتلىرىدە مەدەنىيەت ئىرقچىلىقى، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى كۈندىن- كۈنگە زەھەرلىك نوتىغا ئوخشاش يېيىلماقتا.

پىكىر ئەركىنلىكى تونى ئاستىدا مۇقەددەس جاي ۋە زاتلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىنماقتا. ئېتىقادى، تىلى ۋە كىيىنىشى سەۋەبىدىن ئىنسانلار دۈشمەنلەشتۈرۈلمەكتە.

تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ قورقۇنچلۇق كارتىنىغا قارشى ھەزرىتى مەۋلانەنىڭ ئادىمىيلىك، سۆيگۈ، تىنچلىق، كەڭ قورساقلىقنى مەركەز قىلغان مۇبارەك تەۋسىيەلىرىنىڭ بايراقدارلىقىنى قىلماقتىمىز.

بىز ھەزرىتى مەۋلانەدىن ئالغان ئىلھامغا تايىنىپ، تىلى، ئىرقى ۋە دىنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بارلىق كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنماقتىمىز، رايونىمىزدا تىنچلىق ۋە ئادالەتنىڭ ھۆكۈمران بولۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىمىز.

ئۆلتۈرۈش، قەتل قىلىش ۋە خانىۋەيران قىلىشتىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان يېڭى دەۋرنىڭ قاراقچىلىرىغا قارىماي، بىز مەۋلانە تۇتاشتۇرغان مۇھەببەت، دوستلۇق ۋە ئەقىل- پاراسەت مەشئىلىنى كۆتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

پەرۋەردىگارىمدىن بىزلەرنى مەۋلانەنىڭ ئىلىم ۋە ئىشقى – مۇھەببەت يولىدىن ئايرىماسلىقىنى تىلەيمەن.

ۋاپاتىنىڭ 747 – يىلىدا ھەرزىتى مەۋلانە باشتا بولۇپ بارلىق كۆڭۈل سۇلتانلىرىمىزنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن، بۇ كېچە قىلىنىدىغان دۇئا، سېلىنىدىغان ساما ۋە ئەۋرادى شەرىفلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشىنى تىلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر