دۇبەي – ئىستانبۇل ئايروپىلان سەپەرلىرى قايتىدىن باشلىنىدۇ
«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۇدا 9 ئاي توختاپ قالغان دۇبەي – ئىستانبۇل ئايروپىلان سەپەرلىرى قايتىدىن باشلىنىدۇ.
1544834
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى دۇبەيگە جايلاشقان Flydubai شىركىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دۇبەي – ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ 17 – دېكابىردىن ئېتىبارەن باشلىنىدىغانلىقى، بېلەت سېتىش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
Flydubai شىركىتى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ئىستانبۇل ئايروپىلان سەپەرلىرىنى 2020 – يىلى 17 – مارت كۈنى توختاتقانىدى.