ئەردوغان: «مەقسىتىمىز، دۆلىتىمىزنى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ بازىسىغا ئايلاندۇرۇش» دېدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنى تۆتىنچى سانائەت ئىنقلابىنىڭ مەھسۇلات ۋە تېخنولوگىيەلىرىنىڭ بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1542948
ئەردوغان: «مەقسىتىمىز، دۆلىتىمىزنى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ بازىسىغا ئايلاندۇرۇش» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «تۆتىنچى سانائەت ئىنقلابى مەركىزى» نىڭ ئېچىلىشىنى تەبرىكلەپ، ۋىدېئو ئەۋەتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ تارمىقىدا قۇرۇلغان «تۆتىنچى سانائەت ئىنقلابى مەركىزىي تورى» غا، بۇ يىل (2020) نىڭ بېشىدا قاتناشقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، بۇ مەركەزنىڭ ياۋروپادىكى ئىككى ئۆرنەكتىن بىرى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەقسىتىمىز، دۆلىتىمىزنى مىللىي تېخنولوگىيە نىشانىمىز ئۈچۈن تۆتىنچى سانائەت ئىنقلابىنىڭ مەھسۇلات ۋە تېخنولوگىيەلىرىنىڭ بازىسىغا ئايلاندۇرۇش.»

ئۇ ۋابا سەۋەبىدىن ئارزۇ قىلغان سەۋىيەگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ مەركەزدە قىلىنىدىغان تەتقىقاتلارنىڭ ئىقتىسادقا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىرىنچى سانائەت ئىنقلابى (1760-يىللاردىن باشلىنىپ 1830-يىللارغىچە داۋاملاشقان) دىن كۈنىمىزگىچە ئوتتۇرىغا چىققان تېخنولوگىيەنىڭ، ئىنسانلار، جەمئىيەتلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ ھاياتىدا مۇھىم يوللارنى ئاچقان چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ، تۆتىنچى سانائەت ئىنقلابىغا تېخىمۇ مۇستەھكەم ھالدا تەييارلىنىشقا يۈزلەندۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «دىجىتاللىشىش جەريانىدا يېتىشكەن ئىختىساسلىق خادىملار، ئەڭ مۇھىم ئامىللار سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. تۈركىيە نىسبەتەن ياش، ئىرادىلىك ۋە يېتىشكەن ئىختىساسلىق خادىملىرى بىلەن، بۇ مۇساپىگە ياخشى تەييارلىق قىلغان ھالەتتە كىرىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئەمدىلىكتە تۈركىيەنىڭ بۇنداق تارىخىي ئىنقلابلارغا ئارقىدىن ئەگەشكەن ئەمەس، بەلكى باشچىلىق قىلغان، يولىنى ئاچقان ئورۇندا بولۇشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئاخىرىدا، «تۈركىيە تۆتىنچى سانائەت ئىنقلابى مەركىزى» نىڭ، نىشانغا يېتىشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر