تۈركىيە گىرېتسىيە قايتىشقا مەجبۇرلىغان 44 پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇۋالدى

ئىزمىرنىڭ چەشمە ۋە دىكىلى ناھىيەلىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا زورلانغان 44 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1539929
تۈركىيە گىرېتسىيە قايتىشقا مەجبۇرلىغان 44 پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر كامېر قولۋاقنىڭ ياردەم تەلىپىگە ئاساسەن رايونغا قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئەۋەتىلىپ، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 25 پاناھلانغۇچىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىمۇ گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان ئىككى قولۋاقتىكى 19 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇلۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىلدى.

پاناھلانغۇچىلار تېگىشلىك رەسمىيەتلەردىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر