ئىچكى كابىنېت يىغىنى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېتى يىغىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن چاقىرىلىدۇ.

1536587
ئىچكى كابىنېت يىغىنى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا، يۇقۇمنى تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىغان ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىغا يۇقۇمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ ۋە پەن – تېخنىكا كومىتېتىنىڭ تەۋسىيە قارارلىرىنى يەتكۈزىدۇ.

تەۋسىيە قارارلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىندا، يولغا قويۇلىدىغان يېڭى چارە – تەدبىرلەر توغرىسىدا قارار چىقىرىلىدۇ.

ئىچكى كابىنېتنىڭ سەھىيە، مائارىپ ۋە ئىقتىساد قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەر بويىچە يېڭى چارە – تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

يىغىندا يەنە دۇنيادىكى ۋاكسىنا تەتقىقاتلىرى ۋە يەرلىك ۋاكسىنا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭمۇ مۇھاكىمە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

يىغىندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چىقىرىلغان قارارلارنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر