«‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى ئەردوغاننىڭ ئېچىلىش نۇتىقى بىلەن باشلىنىدۇ
1 – 2 – دېكابىر كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان « باسقۇچىدىن كېيىنكى خەلقئارالىق تەرتىپ ۋە ئۆزگىرىشچان دىنامىكىلار» تېمىلىق «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئېچىلىش نۇتىقى بىلەن باشلىنىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىرىدىن رەھبەرلەر، مۇتەخەسسىسلەر، ئاكادېمىكلار ۋە مەشھۇر زاتلار، 2020 – يىللىق «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشچان دۇنيا كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىكەن.
ت ر ت تەرىپىدىن 1 – 2 – دېكابىر كۈنلىرى تور مۇھىتى ئاستىدا چاقىرىلىدىغان يىغىن، شەرەپ مېھمىنى بولغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئېچىلىش نۇتىقى بىلەن باشلىنىدىكەن.
«<ۋۇخەن ۋىرۇسى> باسقۇچىدىن كېيىنكى خەلقئارالىق تەرتىپ ۋە ئۆزگىرىشچان دىنامىكىلار» تېمىسىدا چاقىرىلىدىغان يىغىندا، دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردە <ۋۇخەن ۋىرۇسى> باسقۇچىدىن كېيىنكى يېڭى دەۋر»، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> باسقۇچىدىن كېيىنكى مەزگىلدە دۇنيا تېخنولوگىيەسىنىڭ كېچەلىكى» ماۋزۇلۇق ئولتۇرۇشلارغا قاتنىشىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلار ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىكەن.
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن دۇنيا كۈنتەرتىپى ھەققىدە سۆز قىلىدىغان يىغىندا، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ، «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> باسقۇچىدا كۆپ قۇتۇبلۇق دۇنيا: يەر شارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنىڭ كېلەچىكى» تېمىلىق ئولتۇرۇشقا قاتنىشىپ، كۆز – قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
«www.trtworldforum.com» ئىنتېرنېت تور ئادرېسىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، 2020 – يىللىق «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىغا تىزىمغا ئالدۇرغىلى ۋە يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن.