«قانۇنى» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ مۇنار قۇراشتۇرۇش خىزمىتى باشلاندى
قارادېڭىزدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇرغىلاش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن 14 – نويابىر كۈنى زوڭگۇلداقنىڭ فىليوس پورتىغا يېتىپ بارغان «قانۇنى» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ مۇنار قۇراشتۇرۇش خىزمىتى باشلاندى.
1535511
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇنار قۇراشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تاماملىنىشىدىن كېيىن، «قانۇنى» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى، 2021 – يىلىنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا، ساكاريا تەبىئىي گاز ساھەسىدە ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدۇ.
تۈركىيە نېفىت شىركىتىنڭ خىزمىتىگە سۇنۇلغان، تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى بۇرغىلاش پاراخوتى ھېسابلىنىدىغان، ئۇزۇنلۇقى 227 مېتىر، كەڭلىكى 42 مېتىر كېلىدىغان « قانۇنى» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى، 11 مىڭ 400 مېتىرلىق چوڭقۇرلۇقتا بۇرغىلاش ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە.