چاۋۇشئوغلۇ نىگېردا مالدىۋې ۋە چاد دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 47 – نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان نىگېردا مالدىۋې ۋە چاد دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1535226
چاۋۇشئوغلۇ نىگېردا مالدىۋې ۋە چاد دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 47 – نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، نىگېرنىڭ پايتەختى نىيامېيغا يېتىپ بارغان. چاۋۇشئوغلۇنى ئايرودۇرۇمدا نىگېر دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاللا ئانكوراۋ قارشى ئالغان.

چاۋۇشئوغلۇ كېيىنچە، يىغىن دائىرىسىدە، چاد دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئامىنە ئاببا سىددىق ۋە مالدىۋې تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ شاھىد بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشكەن.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «چاد دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئامىنە ئاببا سىددىق بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆھبىتىمىزدە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش كاتىپىنى سايلاپ چىقىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. چادلىق قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا مائارىپ ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى ياردەملىرىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.  مالدىۋې تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ شاھىد بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىمىزدا، سودا – ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىك ۋە مائارىپ قاتارلىق  ساھەلەردە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ مالىغا قارىتا ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئايروپىلان سەپەرلىرى، دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر